新疆喀什地区二中2019届高三上学期9月月考维语文试卷 Word版含答案

申明敬告: 本站不保证该用户上传的文档完整性,不预览、不比对内容而直接下载产生的反悔问题本站不予受理。

文档介绍

新疆喀什地区二中2019届高三上学期9月月考维语文试卷 Word版含答案

يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات‎ ‎ئايلىق ئىمتىھان سوئالى ‏(سۇئال چىقارغۇچى : پەزىلەت ئىمتاھان ۋاقتى 150 مىنۇت، جەمئىي 150 نومۇ)‏ ‏ ئىمتىھان قەغىزى 1‏ ‏ ‏Ⅰئوقۇپ چۈشىنىش سوئاللىرى: ‏ تۆۋەندىكى ئەسەرنى ئوقۇپ 1-2- 3-سوئالنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.‏ يانار تاغنىڭ شەكىللىنىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ‏ يانار تاغ يەر پوستىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئېتىلىپ چىققان لاۋالاردىن شەكىللەنگەن. يانار تاغ پارتىلىغاندا ئۇنىڭدىن چىققان لاۋا ۋە يانار تاغ كۈلى يىغىلىپ كونۇس شەكىللىك تاغ ياكى دۆڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بەزى يانار تاغلار پارتىلىغاندا گاز ۋە يانار تاغ كۈلى ئېتىلىپ چىقاسا، بەزى يانار تاغلاردىن چىققان چوغدەك قىپقىزىل لاۋا تاغ باغرىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشىدۇ. بەزى يانار تاغلار قۇرۇقلۇقتىمۇ،دېڭىز ئاستىدىمۇ شەكىللىنىۋېرىدۇ. دېڭىز ئاستىدىكى بەزى يانار تاغلار دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلەپ ئاراللارنى پەيدا قىلغان. ماۋلانۇئا يانار تېغى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانار تاغ. ئۇنىڭ تىنچ ئوكياننىڭ تېگىدىن دېڭىز يۈزىگىچە بولغان ئىگىزلىكى 5180 مېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4170 مېتىر.‏ ‏ يانار تاغنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى كۆرۈش پۇرسىتى ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ،ئەلۋەتتە. ئەممە 1943-يىلى مىكسىكىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش يەرلىك ئاممىنى شۇنداق پۇرسەتكە ئىگە قىلغان. يەر يېرىلىپ، يېرىق بارغانچە پوغىنىغان، يانار تاغ كۈلى ۋە تاش پارچىلىرى شىددەت بىلەن ئېتىلىپ، چوغدەك قىپقىزىل لاۋا توختىماي يەر ئاستىدىن ئېتىلىپ چىققان. بىر ھەپتىدىن كېيىن، قوناقلىقتا 150 مېتىر ئىگىزلىكتىكى يانار تاغ ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن، يەرلىك ئامما ئامالسىز ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. مانا بۇ پارىكۇتىن يانار تېغىنىڭ شەكىللىنىشى. بۇ يانار تاغ بىر يىل ئىچىدە 275 مېتىرغىچە ئىگىزلىگەن، توققۇز يىلدىن كېيىن ئېگىزلىكى 410 مېتىرغا يەتكەن. ‏ ‏ يەر پوستىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئېرىگەن تاغ جىنىسلىرى ماگما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەر پوستىنىڭ يىرىقلىرىدىن ياكى ئاجىز،چۈرۈك جايلىرىدىن ئېتىلىپ چىققاندا لاۋا بولۇپ ئاقىدۇ،ماگما يۇقۇرى ئۆرلىگەندە گازلار بىلەن ئېرىگەن تاغ جىنىسلىرى ئايرىلىدۇ، يەر يۈزىگە يېقىنلاشقاندا يىغىلىپ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 1902-يىلى مارتىنكا ئارىلىدىكى پېلېلىت يانار تېغى پارتىلىغاندا ئېتىلىپ چىققان ئىسسىق گاز ۋە يانار تاغ كۈلى 20 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.‏ ‏ يانار تاغ پارتىلىغاندا تاش پارچىلىرى ۋە يانار تاغ كۈلى ئادەتتە لاۋا بىلەن بىللە ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭراقلىرى«ۋولقان بومبىسى»دەپ ئاتىلىدۇ. تاش پارچىلىرى ۋە يانار تاغ كۈلى سوۋۇغاندىن كېيىن، بىر قەۋەت قاتتىق جىنىسنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋېزۇۋى يانار تېغى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 79-يىلى پارتىلىغاندا پومپېيە شەھىرىنى يانار تاغ كۈلى پۈتۈنلەي كۆمۈۋەتكەن. بۇ شەھەردىن يىراقراق بولغان ناپلىس قولتۇقىدىكى شەھەر گېركۇلاننېئۇمۇ يانار تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن لاي-لاتقىلار ئاستىدا قالغان. ھازىر بۇ ئىككى شەھەر ئېكىسكۇرسىيەچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. («بىلىم كۈچ»ژورنىلىدىن ئېلىندى ‏ 1.تۆۋەندىكىلەردىن يانار تاغنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈملەردىن توغرىسى: (3نومۇر)‏ ‏ ‏A‏. يەر پوستىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئېرىگەن ماگما،يەر پوستىنىڭ يېرىقلىرىدىن ياكى ئاجىز، چۈرۈك جايلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان لاۋا بولۇپ، يەر يۈزىگە يېقىنلاشقاندا يىغىلىپ كۈچلۈك پارتىلاش ھاسىل قىلىدۇ.‏ ‏ ‏B‏. ماگما يۇقۇرى ئۆرلەپ، گاز بىلەن ئېرىگەن تاغ جىنىسلىرىغا ئايرىلىپ پارتىلاش ھاسىل قىلىدۇ.‏ ‏ ‏C‏. يەر پوستىدىكى «ۋولقان بومبىسى» لاۋا بىلەن بىللە ئېتىلىپ چىقىپ يانار تاغ ھاسىل قىلىدۇ.‏ ‏ ‏D‏. دېڭىز ئاستىدىكى لاۋا يۇقۇرى ئۆرلەپ يانار تاغ ھاسىل قىلىدۇ. ‏ ‏ 2. تېكىسىت مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى: (3نومۇر)‏ ‏ ‏A‏. يانار تاغ پارتىلىغاندا ئۇنىڭدىن چىققان لاۋا كونۇس شەكىللىك تاغ ياكى دۆڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.‏ ‏ ‏B‏. يانار تاغ پەقەتلا قۇرۇقلۇقتا ھاسىل بولىدۇ.‏ ‏ ‏C‏. يانار تاغ پارتىلىغاندىن كېيىن، تاش پارچىلىرى ۋە يانار تاغ كۈلى سوۋۇغاندىن كېيىن بىر قەۋەت قاتتىق جىسىم شەكىللەندۈرىدۇ. بەزىدە شەھەرلەرنىمۇ كۆمۈۋېتەلەيدۇ.‏ ‏ ‏D‏. ماۋنالۇئا يانار تېغى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانار تاغ ھېساپلىنىدۇ.‏ ‏ 3‏‎.‎‏ تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن تېكىسىت مەزمۇنىغا ماس كەلمەيدىغىنى: (3نومۇر)‏ ‏ ‏A‏. 1943-يىلىدىكى يانار تاغ پارتىلىشىدىن كېيىن مېكسىكىدىكى ئىككى شەھەر يانار تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن لاي-لاتقىلار ئارىس ىدا قالغان.‏ ‏ ‏B‏. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 79-يىلى ۋېزوۋى يانار تېغى پارتىلىغاندا پومپېيە شەھىرىنى يانار تاغ كۈلى كۆمۈۋەتكەن.‏ ‏ ‏C‏. يانار تاغلار پارتىلىغاندا گاز ۋە يانار تاغ كۈلى ئېتىلىپ چىقسا، بەزىدە يانار تاغدىن چىققان لاۋا تاغ باغرىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشىدۇ.‏ D‏. يانار تاغلار قۇرۇقلۇقتىمۇ، دېڭىز ئاستىدىمۇ شەكىللىنىۋېرىدۇ.‏ تۆۋەندىكى ئەسەرنى ئوقۇپ4-5- 6- سوئالنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.‏ ئاقسىل قۇرۇلۇشى ‏ ئاقسىل قۇرۇلۇشى ئاقسىلنىڭ ئىنچىكە تۈزۈلىشى بىلەن فونكىسىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئاساسەن، گېن قۇرۇلۇشى تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تەبىئي ئاقسىلنى يۆنىلىشلىك ئۆزگەرتىدىغان، ھەتتا تەبىئەت دۇنياسىدا زادىلا مەۋجۇت بولمىغان ئاقسىل مولېكۇلالىرىنى بەرپا قىلىدىغان بىر خىل پەن تېخنىكىدىن ئىبارەت. ئاقسىل قۇرۇلۇشى دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپلا گېن قۇرۇلۇشى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى ئىككىنچى ئەۋلاد گېن قۇرۇلۇشى دەپ ئاتىغان.‏ ‏ نېمە ئۈچۈن ئاقسىل ئۈستىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ تەبىئى مەۋجۇت بولغان ئاقسىللارنىڭ كىشىلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغان نۇرغۇن جايلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، راك كېسەللىكى ۋە كۆپ ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىشلارنى داۋالايدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا ئىنتېفېروننى℃70__ شارائىتتا ساقلاشمۇ ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. ئەگەر ئىنتېفېرون مولېكۇلاسىدىكى ئىككى سىتېئىن مولېكۇلاسىنى سېرىن مولېكۇلاسىغا ئالماشتۇرغاندا، ℃70__ شارائىتتا يېرىم يىل ساقلاشقا بولىدۇ. يەنە مەسىلەن: تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئېلىپ بارغاندا، ھاۋادىكى كاربۇن ‏Ⅳئوكسىدنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇ جەريان يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىش دېيىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىش جەريانىدا سىنتېزلانغان ئورگانىڭ ماددىلارنىڭ %27~20 ىنى سەرپ قىلىۋېتىدۇ. يۇقۇرىدىكى بۇ ئىككى رېئاكسىيە جەريانىنىڭ ھەر ئىككىسى 1، 5-دىفوسفات كاربوكسىلازا ئىنىزىمىنى كاتالىزلايدۇ. ئەگەر ئاقسىل قۇرۇلۇشى تەدبىرلىرى ئارقىلىق بۇ ئېنزىم ئۆزگەرتىلسە، كاربۇن ‏Ⅳئوكسىدنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىش كۈچىنىشلىكىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق فوتوسىنتېز ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ تەتقىقات تېمىسى گەرچە تاماملانمىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر بۇ خىل ئېنزىمنىڭ كىرىستال تۈزۈلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولدى. نۇرغۇنلىغان ئالىملار بۇ تەتقىقاتقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى. ئەگەر مۇۋاپىقىيەت قازىنالىسا، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان غايەت زور ئۈنۈملەرنى ئېلىپ كەلگۈسى.‏ ‏ 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئاقسىل قۇرۇلۇشى جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرلەشلەر كىشىلەرگە ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان ئىلگىرلەشلەرنى نامايەن قىلىپ بەردى. مەسىلەن، ئالىملار ئىنسۇلىننى ئۆزگەرتىپ ئۇنى تېز ئۈنۈملۈك دورىغا ئايلاندۇردى. ھازىر بىيولوگىيە ۋە ماتېرىيال ئىلمى ئالىملىرى يەنە ئاقسىل قۇرۇلۇشىنى مىكرو ئېلىكتىرون ساھەسىدە قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ئاقسىل قۇرۇلۇشى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئېلىكتىرون زاپچاسلىرى ھەجىمى كىچىك، توك سەرپىياتى تۆۋەن ۋە ئۈنۈمى يۇقۇرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە بولغاچقا، ئىنتايىن كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە.‏ ‏ 1987-يىلى، مەملىكىتىمىز ئاقسىل قۇرۇلۇشىنى دۆلەتلىك يۇقۇرى تېخنىكىلار تەتقىقاتىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانى (863 پىلانى) قاتارىغا كىرگۈزدى. ئون نەچچە يىللىق تېرىشىش ئارقىلىق داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، يېزا ئىگىلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە بىر قىسىم خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلدى. («پەن ۋە تۇرمۇش» تىن ئېلىندى)‏ ‏ 4.تېكست مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئاقسىل قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئېيتىلغان قاراشلاردىن توغرىسى: (3نومۇر) ‏A‏. ئاقسىل قۇرۇلۇشى ئاقسىلنىڭ ئىنچىكە تۈزۈلىشى بىلەن ئاقسىل گېنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل پەن-تېخنىكا قۇرۇلۇشى ‏ ‏B‏. ئاقسىل قۇرۇلۇشى گېن قۇرۇلۇشى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ئىككىنچى ئەۋلاد گېن قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت.‏ ‏ ‏C‏. ئاقسىل قۇرۇلۇشى ئىنسانلارنىڭ گېن قۇرۇلۇشىغا ئاساسەن سۈنئى ئاقسىلنى بەرپا قىلىدىغان بىر خىل مۇرەككەپ پەن-تېخنىكا قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت.‏ ‏ ‏D‏. ئاقسىل قۇرۇلۇشى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە سۈنئى ئاقسىلنى يۆنىلىشلىك ئۆزگەرتىدىغان ، تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولمىغان ئاقسىل مولىكولاسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.‏ ‏ 5. تېكست مەزمۇنىدىن قارىغاندا، تۆۋەندىكىلەردىن ئاقسىل قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبىنى توغرا ئېيتىپ بېرەلىگىنى: (3نومۇر)‏ ‏ ‏A‏. ئاقسىل قۇرۇلۇشى تەدبىرى ئارقىلىق يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىش كۈچىنىشلىكىنى تۆۋەنلىتىپ، فوتوسىنتېز ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈ رۈشكە بولىدۇ.‏ ‏ ‏B‏. ئاقسىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مولېكۇلاسى ۋە گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئىنتېفېروننى ℃70__ شارائىتتا ناھايىتى ئۇزاق مەزگىل ساق لىغىلى بولىدۇ.‏ ‏ ‏C‏. ئاقسىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېقىن كەلگۈسىدە ئالىملار ئىنسۇلىننى ئۆزگەرتىپ ئۇنى تېز ئۈنۈملۈك دورىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.‏ ‏ ‏D‏. ئاقسىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىش جەريانىدا سىنتېزلانغان ئورگانىك ماددىلارنى يىغىۋالغىلى ۋە ئۇنى ئۇزاق مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.‏ ‏ 6. تۆۋەندىكىلەردىن تېكست مەزمۇنىغا ماس كەلمەيدىغىنى: (3نومۇر)‏ ‏ ‏A‏. ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئېلىپ بارغاندا ھاۋادىكى كاربۇن ‏Ⅳئوكسىدنى قويۇپ بېرىدۇ، بۇ جەريان يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىش دېيىلىدۇ.‏ ‏ ‏B‏. 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە ئالىملار ئاقسىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بىر قىسىم تېز ئۈنۈملۈك دورىلارنى بارلىققا كەلتۈردى.‏ ‏ ‏C‏. ھازىر بىيولوگىيە ۋە ماتېرىيال ئىلمى ئالىملىرى ئاقسىل قۇرۇلۇشىنى مىكرو ئېلېكتىرون ساھەسىدە قوللىنىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.‏ ‏ ‏D‏. مەملىكىتىمىز 1987-يىلى ئاقسىل قۇرۇلۇشىنى 863 پىلانىغا كىرگۈزگەن. ‏ ‏ ‏‎ ‎تۆۋەندىكى ئەسەرنى ئوقۇپ7-8-9-10 سوئالنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.‏ مەن بايقىغان تۇرمۇش ئۇ فىرچىندە تۇراتتى، بالىلىق دەۋرى تولىمۇ غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەنىدى. ئۇ بىر بانكىغا كىرىپ:‏ ‏ __ كەچۈرىسىز ئەپەندى، سىزگە يارىدەمچى كېرەكمىدۇ؟__ دەپ سورىۋىدى، تەقى-تۇرقى كېلىشكەن ئۇ ئادەم:‏ ‏ __ ياق ئوغلۇم، كېرەك ئەمەس __ دەپ جاۋاب بەردى.‏ ‏ بالا ئېغىر قايغۇغا چۈمدى. ئۇ چۈچۈكبۇيىنىڭ يىلتىزىدىن ئىشلەنگەن بىر تال كەمپۈتنى شوراپ تۇراتتى. بۇنى ئۇ بىر تىيىنگە سېتىۋالغانىدى. پۇلنى ئۇ كۆڭلى يۇمشاق، تەقۋادار كىچىك ئاپىسىدىن ئوغۇرلىۋالغانىدى، ئۇ يىغلىۋەتتى، دانە-دانە كۆز ياشلىرى قوۋزىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى. ئۇ ئۈن-تىنسىز ھالدا بانكا بىناسىنىڭ مەرمەردىن ياسالغان پەلەمپېيىدىن چۈشتى. ھېلىقى بانكىر سالاپەتلىك گەۋدىسىنى ئېگىپ ئىشىكنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدى. چۈنكى ئۇ ھېلىقى بالىنى تاش بىلەن ئۆزىنى چەنلەپ ئاتىدىغاندەك ھېس قىلىپ قالغانىدى. بىراق بالا نىمىدۇر بىر نەرسىنى تېپىۋېلىپ ئۇنى يىرتىق چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالدى.‏ ‏__ بېرى كەل بالام.‏ بالا راستىنلا ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. بانكىر ئۇنىڭدىن سورىدى:‏ ‏__ كۆرۈپ باقاي، نېمە تېپىۋالدىڭ؟ ‏ __ بۇ بۇلاپكا __ دېدى ئۇ جاۋاب بېرىپ.‏ ‏ __ بالام سەن بەك ياۋاشمۇ قانداق؟ __ بانكىر شۇنداق دەپ سورىۋىدى، بالا:‏ ‏ __ شۇنداق، دىدى. بانكىر يەنە سورىدى:‏ ‏ __ مەكتەپتە ئوقۇشنى خالامسەن؟ ‏ بالا ئوقۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.‏ ‏ ئارقىدىنلا بانكىر ئالتۇن قەلىمى بىلەن ساپ سىياھتا قەغەزگە «»دېگەن خەتنى يېزىپ ئۇنىڭ مەنىسىنى سورىۋىدى، بالا:‏ ‏ __ سالت پېتىر(بالا ئېنگىلىزچە نى نىڭ قىسقارتىلمىسى بولسا كېرەك دەپ خاتا تونۇپ قالدى)__ دېدى.‏ ‏ بانكىر ئۇنىڭغا بۇ سۆزنىڭ «سانت پېتېر» دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى،بالا:‏ ‏ __ ھە مۇنداق ئىكەندە __ دېدى.‏ ‏ شۇنىڭدىن كېيىن بانكىر بالىنى ئۆزىگە شېرىك قىلىپ، مەبلەغنىڭ بىر قىسم پايدىسىىنى ئۇنىڭغا بۆلۈپ بەردى. ئۇ بانكىرنىڭ قىزىغا ئۆيلەندى. ھازىرچۇ بانكىرنىڭ پۈتكۈل نەرسىلىرى ئۇنىڭ بولدى.‏ ‏ تاغام بۇ ھېكايىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، مەن توپتوغرا ئالتە ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىر بانكىكىنىڭ ئىشىگىدىن بىر بۇلاپكا تېپىۋالدىم ھەم بانكىرنىڭ مېنى ئۆز يېنىغا چاقىرتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتۈم. ئۇ مەندىن: ‏ ‏__ بالام سەن ياۋاشمۇ؟ __ دەپ سورىدى.‏ ‏__ شۇنداق __ دەپ جاۋاب بەردىم.‏ ئەگەر ئۇ مېنىڭدىن «» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى سورىغان بولسا مەن «سېنت يوھان» دەپ جاۋاب بەرگەن بولار ئىدىم. ئەپسۇسكى بانكىر مېنى ئۆزىگە شېرىك قىلمىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا كۈيئوغۇل بولالمىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆپ ئەپسۇسلاندىم. ئۇ بىر كۈنى مېنىڭدىن:‏ ‏__ بالام تېپىۋالغىنىڭ نېمە؟ __ دەپ سورىۋىدى، مەن ئەدەب بىلەن:‏ ‏__ بۇلاپكا __ دەپ جاۋاب بەردىم.‏ ‏__ ئەكېلە كۆرۈپ باقاي __ دىدى ئۇ.‏ بۇلاپكىنى ئۇنىڭغا بەردىم. شىلەپەمنى قولۇمغا ئېلىپ،ئۇنىڭ كەينىدىن بانكىغا كىرىپ، شېرىكى بولۇپ قىزىغا ئۆيلىنىشكە تەييار بولۇپ تۇردۇم. بىراق ئۇ مېنى تەكلىپ قىلماقتا يوق:‏ ‏__ بۇ بۇلاپكا بانكىمىزنىڭ ئىكەن، سەن يەنە بۇ يەردىن ئەگىپ كېتەلمىسەڭ ئىتنى قويۇپ بەرگۈزۈپ تالىتىۋېتىمەن __دېدى.‏ ‏__ مەن كېتىپ قالدىم. ھېلىقى بۇلاپكىنى ئۇ پىخسىق قېرى ھايۋان ئېلىۋالدى. مانا بۇ مەن بايقىغان تۇرمۇش. ‏ ‏ («تەرمىلەر» 2014-يىل 12-سانىدىن ئېلىندى.)‏ ‏ 7. تېكست ھەققىدە توغرا ئېيتىلغان ئىككى تۈر: (4 نۇمۇر)‏ ‏ ‏A‏. بۇ ئەسەر بىر پارچە ھېكايە بولۇپ، تەرتىپلىك بايان بىلەن قىستۇرما باياندا، ئۈچىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان.‏ ‏ ‏B‏. تېكستتە پەقەت ئىككىلا پېرسوناژ تەسۋىرلەنگەن. بۇلاردىن «مەن»نى يۇمىلاق پېرسوناژ، بانكا خوجايىنىنى چاسا پېرسوناژ دەپ قاراشقا بولىدۇ.‏ ‏ ‏C‏. ئەسەردە ئىككى ۋەقەلىك سۆزلەنگەن بولۇپ، ئالدىنقى ۋەقەدىكى بالىنى ئەدەبلىك، راستچىل ، سەمىمى دەپ باھالاشقا بولىدۇ.‏ ‏ ‏D‏. ئەسەر بىلەن ئەسەر ماۋزۇسى تازا ماس كەلمىگەن، چۈنكى ئەسەردە «مەن» نىڭ قانداق تۇرمۇشنى بايقىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغان.‏ ‏ ‏E‏. ئەسەردە بۇلاپكا تېپىۋېلىشتىن ئىبارەت ۋەقەلىكنى چۆرىدەپ، «مەن» نىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئاچكۆزلۈك، غەيرى نىيەتلەرنى تەنقىد قىلغان. ‏ ‏ 8. ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن «بالا» بىلەن «مەن» نىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان قانداق تەرىپىنى ھېس قىلدىڭىز؟ قارىشىڭىزنى يېزىڭ (3 نومۇر)‏ ‏ 9.ئەسەردىكى ئىككى ۋەقەنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئالدىنقى ۋەقەنى ئەسەردىن چىقىرىۋېتىشكە بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ (5نومۇر)‏ ‏10. ئەسەردىكى «مەن بايقىغان تۇرمۇش» زادى قانداق تۇرمۇش؟ قارىشىڭىزنى شەرھلەڭ (3 نومۇر)‏ ‏ 11. فونېتىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى: (3 نومۇر)‏ A‏. «ئۇستازلىرىنى ھۆرمەتلىگەن كىشىنىڭ ئورنى يۇقىرى بولىدۇ، ئەزىزلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدۇ» دېگەن جۈملىدە ئۈچ سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى كۆرۈلگەن بولۇپ، «ئەزىزلىك» دېگەن سۆزگە قوشۇلغان قوشۇمچە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسى بويىچە ئۇلانغان.‏ ‏ ‏B‏. «كىر باسقان كىيىمنىڭ كىرىنى سۇبىلەن يۇسا چىقىپ كېتىدۇ، سۆز كىرىنى يۇيۇپ چىقىرىشنىڭ ھېچقانداق ئامالى يوقتۇر» دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆزدىكى «ئا،ئە» تاۋۇشى «ئې، ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن.‏ ‏ ‏‎ ‎‏ ‏C‏. ئاخىرى«ق،ك،پ» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، سۆز ئاخىرىدىكى «ق،ك،پ» تاۋۇشلىرى «غ،گ،ۋ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ.‏ ‏ ‏D‏. «يېزىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەرنى يېزىۋال، ھەممىنى ئەستە ساقلايمەن دېيىش ئەخمەقلىق» دېگەن ‏ جۈملىدە ئىككى سۆزدىكى تۆت ئورۇندا تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىششى، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى كۆرۈلگەن بولۇپ، جۈملىدىكى كېلىش قوشۇمچىلىرى سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى قائىدىسى بويىچە قوشۇلغان.‏ ‏ 12. لىكسىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى: (3 نومۇر)‏ ‏ ‏A‏. ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ كىشى مىڭىسىدە ئەكس ئېتىشى چۈشەنچە دېيىلىدۇ. چۈشەنچە سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن بەزى سۆزلەر شەيئىلەر توغرىسىدا بىرەر چۈشەنچە،ئۇقۇمنى بىلدۈرەلمەيدۇ، يەنە بەزى چۈشەنچىلەر ئككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزلەرنىڭ بېرىكىشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.‏ ‏ ‏B‏. « تۈلكە ئۆز ئىنىغا قاراپ ھۈرسە قوتۇر بولۇر» دېگەن تۇراقلىق ئىبارە ئۆز ۋەتىنىنى سۆيمىگەن، ۋەتەندىن يۈز ئۆرىگەن، ۋەتىنىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلارنىڭ راۋاج تاپالمايدىغانلىقى، خاراب بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ‏ ‏C‏. «بەگ بولساڭ ئىشىڭغا كۆڭۈل قوي، سەۋەبى خەلق قويغا ئوخشايدۇ. بەگ ئۇنىڭ قويچىسى، قوي باققۇچى قويغا مىھرىبان بولۇشى كېرەك بولغىنىدەك، ھۆكۈمدارمۇ ئاۋامغا مەسئۇل بولۇشى لازىم» دېگەن جۈملىدە شەكىلداش سۆز، مەنىداش سۆزلەردىن باشقا كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان سۆزمۇ بار، جۈملىدە يەنە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزدىن بىرى بار.‏ ‏ ‏D‏. «ئادالەت بىلەن ئاۋام گۈللەيدۇ،دۇنيا تۈزۈلىدۇ، زۇلۇم بىلەن خەلق خاراپلىشىدۇ، دۇنيا بۇزۇلىدۇ» دېگەن جۈملىدە ئىككى گورۇپپا قارمۇ-قارشى مەنىلىك سۆز بار، ئىككى سۆز ئۆز-ئارا مەنىداش بولۇپ كەلگەن. ‏ ئىمتىھان قەغىزى ‏Ⅱ Ⅱبوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. ( 6 نومۇر ) ‏ ‏ 13. «چىرايلىق پەقەت كۆرۈش سەزگۈسىدە ئەكىس ئەتكەن ئوبراز،پەقەت گۈزەللىكلا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالالايدۇ،چىرايلىقلىق ۋاقىتلىق بولىدۇ،ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا-ئاستا غايىپ بولىدۇ،گۈزەللىك مەڭگۈلۈك بولىدۇ،ئۇ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىشى قەلبىگە سىڭىپ ،ئۆڭمەس مەنزىرە ھاسىل قىلالايدۇ»دېگەن پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ① قوللىنىلغان بولۇپ ،ئىستېلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن سۈپەتلەشتىن باشقا گەۋدىلىك ھالدا ② قوللىنىلغان، مەزمۇنىنى ③ دېگەن ئاددى جۈملىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.‏ ‏ 14. سەن ئاۋال قورقۇنچاقلىقنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەن. «قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ» دېگەندەك، قورقۇش بىلەن ھەرگىزمۇ سېنى قورقۇتقۇچى نەرسىدىن قۇتىلالمايسەن، ئەكسىچە تېخىمۇ خەتەردە قالىسەن، قورقۇشنى پەقەت مەردلىك ئارقىلىقلا يېڭىش مومكىن.‏ ‏ بۇ پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ______④_______ قوللىنىلغان بولۇپ، پارچىدا _______⑤______دەلىلدىن پايدىلىنىلغان. پارچىدىكى «ئەكسىچە» دېگەن سۆز يارىدەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرىدىن ______⑥________ غا تەۋە.‏ Ⅲكۆنۈكمە ئىشلەش سوئالى( 19نومۇر)‏ ‏15. تۆۋەندىكى جەدىۋەل مەلۇم مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرىتقى ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇش ئىستاستېكىسىدىن ئىبارەت. جەدىۋەلنى كۆزىتىپ ئۇنىڭدىن كەم بولغاندا ئۈچ تۈرلۈك خۇلاسىنى يەكۈنلەپ چىقىڭ.( 6 نومۇر)‏ تەكشۈرۈش مەزمۇنى تۈرلەر نىسبىتى سىز دەرستىن سىرىتقى ئوقۇشلۇقلارنى ياقتۇرامسىز؟ ياقتۇرىمەن ‏%91‏ ئادەتتىكىچە ‏%6‏ ياقتۇرمايمەن ‏%3‏ بۇ ئوقۇشلۇقلارنى سىزگە كىم تەۋسىيە قىلغان؟ مۇئەللىم ‏%26‏ ساۋاقدىشىم ‏%55‏ ئاتا-ئانام ‏%19‏ بۇ ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇغاندا خاتىرە قالدۇرامسىز؟ دائىم خاتىرە قالدۇرىمەن ‏%3‏ بەزىدە خاتىرە قالدۇرىمەن ‏%25‏ خاتىرە قالدۇرمايمەن ‏%72‏ 16. ‏16.تۆۋەندىكى جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، قىسقا بىر پارچە مۇھاكىمە يېزىڭ. مۇھاكىمىڭىز تۆت جۈملىدىن كەم بولمىسۇن (4نومۇر )‏ ‏ بىلىملىكنىڭ سۆزى گويا يەرگە سۇدەكتۇر.‏ ‏17.تۆۋەندىكى جۈملىلەردە پىكىر جەھەتتە خاتالىق بارمۇ-يوق؟بار بولسا،تۈزىتىپ توغرا ،راۋان جۈملىگە ئايلاندۇرۇڭ. (2 نومۇر)‏ ‏1) ھوي،نېمانداق قىلىسەن؟ سەندەك ئىتتىن قورقىدىغان ئادەمدىن يەنە بىرسى بارمۇ دۇنيادا؟!‏ ‏2)مۇئاۋىن ناھىيە ھاكىمى يېزىمىزغا تەكشۈرۈشكە كەلدى.‏ ‏ 18. بېرىلگەن رەسىمگە قاراپ سوئال تەلىپىنى ئورۇنلاڭ. (جەمئىي 7 نومۇر)‏ ‏1) رەسىمگە مۇۋاپىق ماۋزۇ قويۇڭ. (1 نومۇر)‏ ‏2) رەسىمنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنى ئېيتىپ بېرىڭ. (3 نومۇر)‏ ‏3) رەسىمدە ئىپادىلەنگەن ئاساسى مەزمۇننى خۇلاسىلەپ بېرىڭ. (3 نومۇر)‏ ‏ ‏Ⅳتەھلىل قىلىش سۇئالى( 15نومۇر)‏ تۆۋەندىكى ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقۇپ 19-20-21-22-سوئال تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.‏ ‏ قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئىزدىنىش ‏ لۇ جيەن ‏ ئىللىق قۇياش ئۈچىنچى قەۋەت309- ياتاقنىڭ دېرىزىسىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.‏ ‏ __ مەن بىر سۇئال سورايمەن، ھەممىڭلار جاۋاب بېرىسىلەر جۇمۇ،__ دېدى كارۋاتتا دۈم يېتىپ كىتاب ئوقۇۋاتقان لىڭ يۈن تۇيۇقسىزلا تىكلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئاندىن ھەمراھلىرىغا بىر قۇر كۆز يۇگۈرتۈپ چىقىپ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا دېدى،__ ئالايلۇق، سىلەر يولدا كېتىۋاتقىنىڭلاردا ئالدىڭلارغا ھەر قانداق بىر نەرسە ئۇچرىدى دەيلى، بىراق بىر كىشى پەقەت بىرلا نەرسىنى تېپىۋېلىشى كېرەك. سىلەر نېمىگە ئېرىشىشىنى خالايسىلەر؟ ‏ لىڭ يۈننىڭ سۆزى قىز ئىستۇدېنتلار ياتىقىنىڭ كەيپىياتىنى بىردىنلا جانلاندۇرىۋەتتى. ‏ ‏ __ ئەستايىدىلراق بولۇڭلار،__ لىڭ يۈن تولىمۇ ئەستايىدىل كۆرۈنەتتى،__ ليۇ ليۇ، سەن ئاۋال دەپ باققىنا.‏ ‏ __ ھەر تەرەپلىمە‎ ‎‏ بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كىتاب تېپىۋالسام دەپ ئويلايمەن،دېدى ليۇ ليۇ ئىشلەۋاتقان تاپشۇرۇقىنى قويۇپ تۇرۇپ. خۇددى بىرسىنىڭ زاڭلىق قىلىشىدىن قورققاندەك ئاۋازى تولىمۇ پەس ئىدى.‏ ‏ ــــ ھى،ھى،بىر «قامۇس» تېپىۋالسام دېسەڭلا بولمىدىمۇ.‏ ‏ ـــ جيەن جيەن، كۈلىۋەرمىسەڭچۇ، ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى جۇمۇ.‏ ‏ ـــ باش ئۈستىگە! مەن بىر سومكا ئالتۇن تېپىۋالسام دەيمەن.‏ جيەن جيەننىڭ گېپى قىزلارنى بىردىنلا ئويغا سېلىپ قويدى. ‏ ـــ مەن ئونۋېرستېتنىڭ مۇدىرى بولۇش بەختىگە ئېرىشسەم دەيمەن، دىدى فاڭ يۇەن جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.‏ ـــ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ فاڭيۇەننى باشقۇرۇپ باقسام،ـــ گۈەن فاڭ ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋەتتى. كۈلكە ئاۋازىدىن دېرىزە سىرتىدىكى بىر توپ كەپتەر ئۈركۈپ ئۇچۇپ كەتتى.‏ ـــ لىڭ يۈن، ئەمدى ئۆزۈڭگە كەلدى.‏ لىڭ يۈن قولىدىكى نەچچە قېتىم كۆرۈپ چىققان رومانغا قاراپ، گىلاستەك قىزىل لېۋىنى چىشلىدى،كېيىن جىددى ھالدا:‏ ـــ مەن بىر پاك مۇھاببەتكە ئېرىشسەم دەيمەن،ـــ دېدى. ھەمراھلىرىنىڭ بەزىلىرى تىللىرىنى چىقىرىپلا قويۇشتى، بەزىلىرى بولسا ئىختىيارسىز خىيالغا پاتتى.‏ ـــ مەندە باشقا خىيال يوق، پەقەت ئۆزۈمنى تېپىۋالسام دەيمەن،ـــ دېدى شياۋ شيا مەيۈس ھالدا.‏ ـــ نېمە، سەن ئۆزۈڭنى يۈتتۈرۈپ قويغانمۇ؟ ھى،ھى،ھى...ـــ دېدى جيەن جيەن، لېكىن باشقىلارنىڭ ئەيىپلەش ‏ چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ، كۈلكىسىنى دەرھال يىغىشتۇرىۋالدى.‏ ـــ چيۇ يۆ، ئەمدى سەنلا قالدىڭ.‏ چيۇ يۆ توقىۋاتقان پوپايكىسىنى قويۇپ،سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن دېدى:‏ ـــ ئەگەر مۇمكىن بولسا، چىرايلىققىنا بىر جۈپ كۆز تېپىۋالسام يەنزىگە بېرەتتىم!‏ ياتاقتا يەنە بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. پۈتۈن ئادەمنىڭ خىيالى يەنزىگە مەركەزلەشتى، ئۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر يازلىق تەتىلدە ساياھەتكە چىقىپ، چيۇيۆنىڭ ئۆيىدىن ئۆتكەن چېغىمىزدا تونۇشۇپ قالغان. ئۇ چيۇيۆنىڭ قوشنىسى، ئوماققىنا ئەما قىز ئىدى.‏ ‏19.تېكست ھەققىدە توغرا ئېيتىلغان ئىككى تۈر: ( ) (4 نومۇر)‏ A. ئەدەبىي ئەسەردە كونكتېت ۋەقە بولۇشى، بايان، تەسۋىر، مۇھاكىمىلەر قوللىنىلىشى كېرەك. بۇ ئەسەردە بۇ خىل ئامىللار يوق. شۇڭا، ئەسەرنى ژانېر جەھەتتىن ھېكايە دەپ قارىساق بولمايدۇ.‏ B. ئەسەردە پېرسوناژلارنىڭ قىسقا- قىسقا دىيالوگى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىگى ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ ئەسەردىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.‏ C. ئەسەردىكى جيەن جيەننىڭ ئارزۇسى بۈگۈنكى دەۋر رېئاللىقىنى يەنى ئىقتىساد، پۇل-بايلىقنىڭ رولى ھەممىدىن قۇھىم بولىۋاتقان دەۋرنىڭ ماھىيتىنى دەل كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەڭ قەدىرلىنىشى كېرەك.‏ D. ئەسەردىكى لىڭ يۈننىڭ پاك مۇھاببەتكە ئېرىشىشى ئارزۇسى چيۇ يۆنىڭ ئارزۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ، چۈنكى، مېھرىبانلىق، كۆيۈنۈش، باشقىلارغا يارىدەم بېرىش قاتارلىقلار مۇھەببەتتىن تۇغۇلىدۇ E. ئەسەردىكى شياۋ شيانىڭ ئۆزنى تېپىۋېلىش ئارزۇسىنى توغرا دەپ قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شياۋ شيا ئۆزىگە ۋەتەن، خەلققە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ‏ ‏20. تېكستكە ئاساسەن ليۇ ليۇنىڭ خاراكتېرى بىلەن گۈەن فاڭنىڭ خاراكتېرىنى تەھلىل قىلىڭ.(4 نومۇر)‏ ‏21. ئەسەردىكى ليۇ ليۇنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا،«...خۇددى بىرسىنىڭ زاڭلىق قىلىشىدىن قورققاندەك ئاۋازى تولىمۇ پەس ئىدى» دېگەن جۈملىنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىڭ. (5 نومۇر)‏ ‏22. ئەسەردە قانداق ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن؟ ئەسەر ماۋزۇسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈڭ. (5 نومۇر) ‏ ‏23.تۆۋەندە بېرىلگەن ئەسەرنى ئوقۇپ ،ئاخىرىدىكى سوئال تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.‏ ‏ چۈمۈلە بىلەن چېكەتكە ‏ چۈمۈلە يازدا يەتكۈچە زاپاس ئاشلىق غەملىۋالغىنى ئۈچۈن،قەھرىتان قىشتىمۇ كۈنلىرىنى تولىمۇ باياشاتچىلىق ئىچىدە غەمسىز ئۆتكۈزىۋاتقان ئىكەن.‏ ‏ ھەم توڭلاپ ،ھەم ئېچىرقاپ كەتكەن بىر چېكەتكە چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ،چۈمۈلىدىن بىر ئاز يېمەكلىك سوراپ ،قورسىقىنى ئەستەرلىۋاپتۇ.‏ ‎__‎نېمىشقا يازدا قىشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن زاپاس ئاشلىق غەملىۋالمىغانىدىڭ؟- دەپ سوراپتۇ چۈمۈلە ئەجەپلىنىپ.‏ ‎__ ‎يازدا ئاشلىق غەملىگۈدەك نەدىكى ۋاقتىم؟‎ ‎مەن بىر ياز ناخشا ئېيتىپ چىقىدىغان تۇرسام،‏‎__‎‏ دەپتۇ چېكەتكە.‏ ‎__ ‎ھەي چېكەتكە،‏‎ ‎سەن يازلىقى بىر ياز ناخشا ئېيتىپ چىققان بولساڭ،ئەلۋەتتە قىشلىقى ئاچ قورساق كارۋىتىڭدا ئۇسسۇلغا چۈشىسەن –دە ‏‎__,‎چۈمۈلە شۇنداق دەپلا ئۇۋىسىنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم ئېتىۋاپتۇ.‏ ‏ 1) بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرىغا ھۆكۈم قىلىڭ؟ ژانېر ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ؟(3 نۇمۇر)‏ ‏ 2)چېكەتكە رېئال تۇرمۇشتىكى قانداق كىشىلەرگە ۋەكىلىك قىلىدۇ؟ (2 نومۇر)‏ ‏ 3) ئەسەر مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان ماقال-تەمسىلدىن بىرنى يېزىڭ.(2نومۇر)‏ ‏24. تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى ئوقۇپ ،سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ .(6 نومۇر)‏ ‏① پىلاتۇن: «ئۆزىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن زور جاسارەت بولۇش كېرەك.ئۆزىدىن غالىپ كەلگەن چاغدىكى غەلىبىلا بارلىق غەلبىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ شەرەپلىك غەلبە ھېسابلىنىدۇ» دەيدۇ.‏ ‏②روسسو:«ئادەم ئازابتىن ،كېسەللىكتىن،كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەردىن ،ئۆلۈمدىن قورقۇپ ياشىسا،ئۇ چاغدا ھېچنېمىگە چىدىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ» دەيدۇ.‏ ‏③لۇشۈن:« ئۇلۇغۋار ئىرادە پاجىئەلىك تەقدىرگە كۈلۈپ قارىيالايدىغان ،بارلىق بەختسىزلىكلەرگە %100 باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرالايدىغان جاسارەتنى نامايەن قىلالىشى كېرەك» دەيدۇ.‏ يۇقىرىدىكى ئۈچ ئەدىپنىڭ سۆزلىرىدە ئورتاق نوقتىمۇ،پەرقمۇ بار.‏ ‏1)ئۈچ ئەدىپنىڭ قارىشىدىكى ئورتاق نوقتا قايسى؟(3 نۇمۇر)‏ ‏2)ئۈچ ئەدىپنىڭ قارىشىدىكى پەرقتە ھەر قايسىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نېمىنى تەكىتلىگەن؟(3 نۇمۇر)‏ ‏ ‏Ⅴيېزىقچىلىق سوئالى.(55نومۇر)‏ ‏25. تۆۋەندىكى ماتىرىيالنى ئوقۇپ يېزىقچىلىق تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.‏ ‏ قاينامدىكى بېلىق ‏ ئانتونى دې مىللېر (ھىندىستان)‏ ‏ بىر دانىشمەن شاگىرتلىرىغا تەلىم بەرگەندە،قورقۇمسىزلىقنى ،دادىللىقنى تەكىتلەش بىلەن بىللە ھەر ۋاقىت «زېرەك ئاقكۆڭۈللەردىن بولۇش كېرەك»دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيىتتى.‏ بىر كۈنى شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن:‏ ‏-ئۇستاز،ئۆزلىرى نېمە ئۈچۈن «زېرەك ئاقكۆڭۈللەر»دىن بولۇشنى بۇنچە كۆپ تەكىتلەيدىلا ؟- دەپ سوراپتىكەن ،دانىشمەن جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:‏ ‏-بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ،بىر مايمۇن دەريادىكى بېلىقنىڭ قاينامدا تىپىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۇنى سۇدىن ئېلىپ ،قىرغاققا قويۇپ قويسا ،بۇنى مايمۇننىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى دېيىش مۇمكىن.لېكىن،بۇنىڭ بېلىققا نېمە پايدىسى بار؟شۇڭا ،نۇرغۇن ۋاقىتلاردا زېرەكلىكنى ھەمراھ قىلمىغان ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدۇ.‏ ‏ «تەرمىلەر»ژورنىلى 2016-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.‏ تەلەپ:‏ ‏1)بېرىلگەن پارچىدىن پايدىلىنىپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ.يازغىنىڭىز ماتىرىيال مەزمۇنىدىن ۋە تېمىدىن چەتنەپ كەتمىسۇن.‏ ‏2) نۇقتىئىنەزەر(باش تېمىسى)چوڭقۇر قايىل قىلارلىق يورۇتۇلسۇن.‏ ‏3) ژانىرىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ(شېئىر يېزىشقا بولمايدۇ)ژانىر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنسۇن.‏ ‏4) مەزمۇنىغا ماس ماۋزۇ قويۇڭ،خېتىڭىز چىرايلىق،ئىملايىڭىز توغرا ،تىنىش بەلگىلىرى جايىدا قويۇلغان بولسۇن، ھەجمى ئىككى بەتتىن كەم بولمىسۇن.‏
查看更多

相关文章

您可能关注的文档